Épisodes

  • تارىخ-بۈگۈن | تاغ-كان ئىنژېنېرىنىڭ تۆھپىسى_ئۇيغۇر تارىخ ۋە مەدەنىيەت قامۇسى
    Jan 30 2025


    ئۆزى تاغ-كان ئىنژېنېرلىقى ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن مۇتەخەسسىس، پىروفېسسور بولسىمۇ، لېكىن ھاياتىنىڭ يەنە بىر زور قىسمىنى ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ھەققىدە ئومۇميۈزلۈك مەلۇماتلارنى توپلاش، رەتلەشكە ئاتىغان ۋە بۇلارنى رۇس تىلىدا نەشر قىلىپ، باشقا خەلقلەرگە تونۇشتۇرۇشقا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان ئابدۇللاجان سامساقوف ھازىر ئالمۇتا شەھىرىدە ئىجاد قىلماقتا. رۇس تىلىدا تارقىتىلغان 620 بەتلىك «ئۇيغۇرلار: ئېنسىكلوپېدىيەلىك مەلۇماتلار» ئۇنىڭ نوپۇزلۇق ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ.



    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    Voir plus Voir moins
    14 min
  • تارىخ-بۈگۈن | «ئۇيغۇر ئالىملىرى قامۇسى» دىكى تۇنجى ئۇيغۇر ئالىملىرى
    Jan 16 2025
    يېقىندا ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى زور بىر يېڭىلىق سۈپىتىدە قازاقىستاندىكى مىر نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئۇيغۇر ئالىملىرى قامۇسى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك كىتاب نەشر قىلىندى. رۇس ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا ئارىلاش شەكىلدە تەييارلانغان مەزكۇر قامۇس مەخسۇس ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ تىزىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ قىسقىچە ئىلمىي ئىجادىي ھاياتىغا بېغىشلانغان.

    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    Voir plus Voir moins
    12 min
  • تارىخ-بۈگۈن | 1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتنىڭ نامى_شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى
    Nov 14 2024
    1944-يىلىدىكى جۇمھۇرىيەت نامىنى قانداق بېكىتىش تاسادىپىي ياكى تۇيۇقسىز ئوتتۇرىغا چىققان ئەمەس، بەلكى بۇ مەسىلىدە ئىنقىلاب رەھبەرلىرى ئارىسىدا مۇزاكىرىلەر بولغان، بولۇپمۇ غۇلجىدىكى ئاشۇ قوراللىق قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلغان يادرولۇق تەشكىلات «ئازادلىق تەشكىلاتى» 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى بۇ جۇمھۇرىيەتنى ئېلان قىلىش ھارپىسىدا كۆپ قېتىم مۇزاكىرىلەر ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتاشنى قارار قىلغان.

    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    Voir plus Voir moins
    13 min
  • تارىخ-بۈگۈن | 1934-يىلى ئەيسا ئەپەندى ھەققىدە كرېملغا يوللانغان مەخپىي مەلۇمات
    Sep 5 2024
    سوۋېتلارنىڭ ئەيسا ئەپەندىنى خىتايدىكى سوۋېتلارغا قارشى ھەرىكەتنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى سۈپىتىدە دۈشمەن قاتارىدا كۆرۈپ ستالىنغا مەخسۇس دوكلات شەكىلدە يەتكۈزۈلۈشى مەسئۇد سەبىرى ۋە مۇھەممەد ئىمىن بۇغراغا قارىغاندا بالدۇر باشلانغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئەيسابەك ياكى ئەيسا يۈسۈپ دەپ ئاتالغان مەزكۇر ئەربابنىڭ 1932-يىلى نەنجىڭگە كەلگەندىن كېيىنكى ئىش-ھەرىكەتلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نەنجىڭدىكى مەخسۇس خادىملىرى تەرىپىدىن موسكۋاغا مەخپىي دوكلات قىلىنغان. ئەنە شۇنداق مەخپىي دوكلاتنىڭ بىرى 1934-يىلى 19-دېكابىر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ، يەنى ستالىننىڭ نەنجىڭدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە دىپلوماتىيە ۋەكىلى, سوۋېت رازۋېدكا ئورگىنىغا تەۋە ئىۋان ئىۋانوۋىچ سپىلۋانېكنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارى ب. س. ستوميانكوفقا يوللىغان خىتايدىكى ۋەزىيەت ھەققىدىكى دوكلاتىدۇر.

    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    Voir plus Voir moins
    12 min
  • تارىخ-بۈگۈن | نارىمان قۇربانوفتىن مەخمۇت ئۆمەروفقىچە: دۇنيا ئولىمپىك تارىخىدىكى ئۈچ ئۇيغۇر چېمپىيون
    Aug 15 2024
    نارىمان قۇربانوف بىلەن دۇنيا ئولىمپىك مۇسابىقىسى تارىخىغا ئۈچ ئۇيغۇر چېمپىيون ئۆز ئىسىملىرىنى يازدى، نارىمان قۇربانوف 1956-يىلىدىن ئېتىبارەن ئولىمپىكتە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن 3-ئۇيغۇر. رۇس تىلىدىكى «20-ئەسىردىكى مەشھۇر ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، ئالمۇتادا ياشايدىغان پىروفېسسور ئابدۇللاجان سامساقوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئولىمپىك تارىخىدا بىرىنچى قېتىم چېمپىيونلار تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان ئۇيغۇر مەخمۇت ئۆمەروفتۇر.

    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    Voir plus Voir moins
    10 min
  • تارىخ-بۈگۈن | پەرغانە ۋادىسىغا سىڭىپ كەتكەن 300 مىڭ قەشقەرلىق-ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرى تەتقىقاتى
    Jul 11 2024
    «مېنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەققىدە سىستېمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئىلمىي پائالىيەتلىرىمنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىغا بېغىشلىشىمغا سەۋەب بولغان دەسلەپكى ئىلھام بۇلىقى مېنىڭ ئەسلى 150 يىللار ئىلگىرىكى قەشقەرلىقلەرنىڭ ئەۋلادى بولۇشۇمدۇر» دەيدۇ ئۆزبېكىستان ۋە خەلقئارا ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ياش تارىخشۇناس بەھرامجان قەينەزەروف ئەپەندى.

    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    Voir plus Voir moins
    15 min
  • تارىخ-بۈگۈن | ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈپ كەلگەن خەلقمۇ؟
    Jun 27 2024
    ئۇيغۇرلار 1949-يىلىغىچە پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى ئاھالىسىنىڭ %80 كە يېقىن قىسمىنى، خىتايلار ئاران %5 نى تەشكىل قىلغان، ئۇيغۇرلار جەنۇبىي ۋىلايەتلەردە بولسا 90 نەچچە پىرسەنت، خىتايلار بولسا ئىنتايىن ئاز ساندا ئىدى. مانا ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپنى چەكلەش دەرىجىسىگىچە يەتكەندىن باشقا «شىنجاڭدا 56 مىللەت بار، ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى» ھەمدە «جۇڭخۇا مىللىتى» دېگەن تەرغىباتنى كۈچەيتىپ سىڭدۈرمەكتە.

    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    Voir plus Voir moins
    13 min
  • تارىخ-بۈگۈن | ئەخمەتجان قاسىمى تاشكەنتكە ئوقۇشقا ئەۋەتكەن 30 ئەزىمەتنىڭ قىسمىتى (2)
    Jun 13 2024
    1955-يىلى 10-ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مەزكۇر ياش زىيالىيلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئېلىنى ئۆزلىرى ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ۋەتىنىگە قايتىپ ھەر ساھەنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇش ئارزۇسىدا بولدى. بۇ ۋاقىتتا ھەم سوۋېت-خىتاي ھەمكارلىقى كۈچىيىپ، سوۋېت رەھبىرى نىكىتا خرۇشوف زور ساندىكى مۇتەخەسسىسلەرنى، ئالىملارنى خىتايغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىشنى باشلىغانىدى. ئەنە شۇ قاتاردا سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى بۇ ياشلارنىڭمۇ ۋەتىنىگە قايتىپ خىزمەت قىلىشىنى قارار قىلغان بولۇپ، بۇ 30 غا يېقىن زىيالىينىڭ مۇتلەق كۆپى ۋەتىنىگە ئاتلاندى.

    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    Voir plus Voir moins
    12 min