Épisodes

  • يورۇق ساھىللار | مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (54) : «قۇتلۇق تۈركان» ئوپېراسى
    Jan 21 2025
    1948-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى مەركىزىي ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ كۇلۇبىدا تارىخىي ئوپېرا- «قۇتلۇق تۈركان» نىڭ دەسلەپكى بىرقانچە پەردىسى قويۇلىدۇ. مەزكۇر ئوپېرانى كۆرگەن ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تارىخى ۋە تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۆتمۈشتىكى پارلاق مىللىي مەدەنىيىتىگە قىزىققۇچى ياش ھەۋەسكارلار چوڭقۇر ھاياجانغا چۆمىدۇ. چۈنكى شۇ كۈنگە قەدەر ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر تارىخى، جۈملىدىن ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتى تېما قىلىنغان ھېچ بىر سەھنە ئەسىرى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى تەرىپىدىن يېزىلىپ باقمىغان، شۇنداقلا ئۈرۈمچى، قەشقەر ياكى غۇلجا سەھنىلىرىدە ئوينالمىغان ئىدى!

    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    Voir plus Voir moins
    11 min
  • يورۇق ساھىللار | مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (53): «ئەي، ۋەتەن قۇربانلارى!»
    Jan 7 2025

    شۇ كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق مىللىي ئىنقىلاب رەھبەرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار رايونىغا توپلانغان مىڭلىغان جامائەت ئىككى تاۋۇتنى ئېگىز كۆتۈرگىنىچە قوشكۆۋرۈك (نەنلياڭ)تىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. بېلىگە ئاق باغلاپ، دۇئا-تەكبىرلەر ئېيتىپ، سۈكۈت ئىچىدە كېتىۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشى ئۈرۈمچىنى لەرزىگە كەلتۈرىدۇ.



    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    Voir plus Voir moins
    10 min
  • مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (52): «‹دەرنەك›-پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىلمىي ۋە ئاممىۋى مۇنبىرى»
    Nov 5 2024

    مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بۇ نۇتقىدا ناھايىتى ئېنىق قىلىپ: «‹دەرنەك› مەلۇم بىر سىياسىي گۇرۇھ ياكى ئېقىمنىڭ ئاۋازى بولماستىن، بەلكى پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىلىم ۋە مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى نىشان قىلغان ئىلمىي ۋە ئاممىۋى مۇنبەردۇر» دەپ كۆرسىتىدۇ.


    ئامېرىكادىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇرنىڭ تەكىتلىشىچە، 1940-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ داۋالغۇپ تۇرغان سىياسىي مۇھىتىدا «دەرنەك» سىياسىي نۇقتىئىنەزەرلەر بىلەن چۈشىلىپ قالمىغان، ھېچبىر سىياسىي گۇرۇھنىڭ مەيدانى ئۈچۈن جار سالمىغان، بەلكى پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلارنىڭ بىلىم ساپاسىنى يوقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئاممىۋى مۇنبەر بولۇپ قالغان.


    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    Voir plus Voir moins
    13 min
  • مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (51): «دەرنەك» يورۇتقان قەلبلەر
    Sep 10 2024
    مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق «ئۈچ ئەپەندى» لەر 1946-يىلى 6-ئايدا «ئون بىر بىتىم» ئىمزالانغاندىن كېيىن، «ئالتاي» نەشرىياتىنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ ئۇنىڭ پائالىيەت بوشلۇقىنى تېخىمۇ كېڭەيتىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ قارمىقىدا «ئەرك» گېزىتىنى نەشىر قىلىشقا باشلايدۇ. 1948-يىلىنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، «ئالتاي» نەشرىياتىنىڭ قارمىقىدا «دەرنەك» نامىدا مەخسۇس ئىلىم مۇنبىرى قۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان تارىخى، تۈركچىلىك ئاساسلىرى، تىل ۋە ئىملا مەسىلىلىرى، تۈرك ئەدەبىياتى، تۈركىستان ۋە سىبىرىيە ئاتالغۇلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى، تېبابەت ۋە ساغلاملىق بىلىملىرى، ھەتتا ئاتوم نەزەرىيەسى قاتارلىق تېمىلاردا ئىلمىي لېكسىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ.

    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    Voir plus Voir moins
    14 min
  • مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (50): «مىللەتچىلەر زادى كىمگە قارشى؟»
    Aug 20 2024
    مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا 1949-يىلىنىڭ باشلىرىدا «ئەرك» گېزىتىدە ئېلان قىلغان «مىللەتچىلەر كىمگە قارشى؟» ناملىق ماقالىسىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى تەشۋىقات ماشىنىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللەتچىلىرىنى «پانتۈركىزم» قالپىقى بىلەن ئەيىبلىشىگە قارىتا كۈچلۈك رەددىيە قايتۇرغان ئىدى. ئۇ يەنە «ئەرك» گېزىتى ئەتراپىغا توپلانغان تۈرك مىللەتچىلىرىنىڭ ھەرگىزمۇ ئىلى ئىنقىلابچىلىرى باشلىغان مۇقەددەس مىللىي ئىنقىلابقا قارشى ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئىلى ئىنقىلابچىلىرى كۆتۈرۈپ چىققان شەرقىي تۈركىستان دېگەن مۇقەددەس نام ۋە ئاي-يۇلتۇزلۇق بايراق ئاستىدىكى بۈيۈك مىللىي غايىگە ئاشىنا ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    Voir plus Voir moins
    12 min
  • مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (49) : «ئىرقىمىز تۈركتۇر، دىنىمىز ئىسلامدۇر، يۇرتىمىز تۈركىستاندۇر»
    Jul 2 2024
    ئۇلارنىڭ تۈپ سىياسىي غايىسى «ئەرك» گېزىتىنىڭ باش تىتولىنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىگە يېزىلغان «بىز خەلقچىمىز، بىز مىللەتچىمىز، بىز ئىنسانىيەتچىمىز»، شۇنداقلا «ئىرقىمىز تۈركدۇر، دىنىمىز ئىسلامدۇر، يۇرتىمىز تۈركىستاندۇر» دېگەن ئالتە شوئارغا مەركەزلەشكەن ئىدى. يۇقىرىقى ئالتە شوئارنىڭ ئاستىدا يەنە جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ مەشھۇر قىبلىنامىسى بولغان «تىلدا، ئىشتا، پىكىردە بىرلىك!» دېگەن شوئارمۇ قوشۇمچە قىلىنغان ئىدى.

    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    Voir plus Voir moins
    13 min
  • مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (48): «ئەرك» گېزىتى قانداق يورۇقلۇققا چىقتى؟
    Jun 18 2024
    مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندىمۇ «ئەرك» گېزىتى تەسىس قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا شەرقىي تۈركىستاندىكى كەڭ ئوقۇرمەنلەر، بولۇپمۇ ياشلار تەرىپىدىن سۆيۈپ ئوقۇلىدىغان بىر گېزىتكە ئايلىنىشىدا، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا باشچىلىقىدىكى قەلىمى پىشقان ئوتتۇرا ياشلىق يازارلاردىن باشقا، 20-30 ياش ئارىسىدىكى ياش بىر ئەۋلاد قەلەم ئىگىلىرىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    Voir plus Voir moins
    14 min
  • مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (47): «ئۆلۈشكە رازىمەنكى، خەلقنى رازى قىلماي تۇرۇپ خوتەندىن كەتمەيمەن!»
    Jun 4 2024
    بۇغراغا قىلىنغان بۇ سۇيىقەست پاش بولغاندىن كېيىن، خوتەندە ۋەقە يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىگە ئەۋەتكەن ئەڭ ئالىي ئەمەلدارى گېنېرال جاڭ جىجۇڭ خوتەنگە جىددىي تېلېگرامما يوللاپ، بۇغرانىڭ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما بۇغرا كەسكىنلىك بىلەن: «ئۆلۈشكە رازىمەنكى، خەلقىمنى رازى قىلماي تۇرۇپ خوتەندىن كەتمەيمەن!» دەپ جاۋاب تېلېگرامما ئەۋەتىدۇ.

    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    Voir plus Voir moins
    13 min